كانادا خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل، پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇشنى قارار قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.08.26

خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل، پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېيىن، كانادانىڭمۇ تاموژنا بېجى قويۇشىغا دۇچ كەلگەن. كانادانىڭ بۇ قارارى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارغا تاموژنا بېجى قويۇشى خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدا يېڭى بىر سودا ئۇرۇشى پارتلاشنىڭ سىگناللىرى چېلىنىۋاتقان بىر پەيتتە چىقىرىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا 26-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا 100 پىرسەنت، پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا 25 پىرسەنتتىن باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە ئاليۇمىن سانائىتى نوپۇزلۇق چەتئەل تەتقىقات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەركەزلەشكەن ساھەلەرنىڭ بىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ رۇدا ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا مەركەزلەشكەنلىكى قەيت قىلىنىپ كەلگەنىدى.

ئامېرىكا «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» دە، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدوۋنىڭ بۇ پىلاننى كانادانىڭ نوۋا-سكوتىيە ئۆلكىسىدىكى ھالىفاكس شەھىرىدە ئىچكى كابىنېت يىغىنى چاقىرىپ، ئىقتىسادىي ۋە تاشقى سودا سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش مىنىستىر ترېدوۋ، كانادانىڭ خىتاي مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت ھامىلىدىكى ئېشىنچا ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقان. جاستىن ترېدوۋ، «مېنىڭچە، خىتاينىڭ ئوخشاش قائىدىگە ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىنى بىز ھەممىمىز بىلىمىز» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بۇ يىل 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىكەن. كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسى ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئارقىدا بولسىمۇ، لېكىن خىتاي يەنىلا كانادانىڭ 2-چوڭ سودا شېرىكى ھېسابلىنىدۇ. كانادا ۋانكوۋېر پورتىنىڭ تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تېسلا شىركىتى شاڭخەيدە ئىشلەپچىقارغان توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنى كاناداغا ئېكسپورت قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، 2023-يىلى خىتايدىن كاناداغا ئىمپورت قىلىنغان توكلۇق ئاپتوموبىل 460 پىرسەنت ئارتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.