كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدىكى تەدبىرسىزلىكى ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.07.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدونىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە قارشى تەدبىر قوللانماسلىقى تەنقىدكە ئۇچرىغان. 

كانادادا چىقىدىغان «دۆلەتلىك پوچتا» (National Post) گېزىتىدە تېررى گلاۋىن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «كانادانىڭ خىتايدىن قۇل ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتمىغانلىقى بىر نومۇس» ماۋزۇلۇق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدۇ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىغان. ئۇنىڭ ھەتتا ئالدىنقى ئايدا كانادادا زىيارەتتە بولغان تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە سابىق ۋاسكىتبول ماھىرى ئەنەس كانتەر فىرىدومنىڭ باش مىنىستىرلىققا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە ئەۋەتكەن مەكتۇبىنى كۆرگەن ياكى كۆرمىگەنلىكىمۇ ئېنىق ئەمەس ئىكەن. 

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى، باش مىنىستىر ترۇدونىڭ بۇ خەتنى كۆرگەن – كۆرمىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن. ئۇلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشى ھەققىدىكى سوئاللاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئەيبلەشكە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەنلا كۇپايىلەنگەن. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنەس كانتەر فىرىدوم كانادا باش مىنىستىرى ترۇدوغا يازغان مۇراجىئەتنامىسىدە ھۆكۈمەتنى رەسمىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنى چەكلەشكە دەۋەت قىلغان ئىكەن. بۇ گەرچە كانادا كېڭەش پالاتا ئەزاسى لېئو خوساكوس ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن لايىھەسىنىڭمۇ مەركىزى نوقتىسى بولسىمۇ، بىراق بۇ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا ئىككىنچى قېتىم قاراپ چىقىشتا ئاساسلىق ترۇدو تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن يۇقىرى پالاتا ئەزالىرى تەرىپىدىن توڭلىتىپ قويۇلغان ئىكەن.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا 2020-يىلى 10-ئايدىن 2021-يىلى 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان 1400 دىن ئارتۇق ئىمپورت مەھسۇلاتىنى توسۇپ قالدى. ئاۋستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە ئەنگىلىيە يېڭى قانۇنلارنى ماقۇللاپ، شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىنى تاقاشنى مەقسەت قىلغان يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى، پەقەت كانادالا ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىدى.» 

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، كانادا كېڭەش پالاتا ئەزاسى خوساكوس بۇ ئەھۋالنى تەنقىدلەپ: «كانادا خىتايغا ئىشىكىنى كەڭ ئېچىپ سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان غەربتىكى بىردىن-بىر دۆلەت بولۇپ قالدى. ترۇدو ھۆكۈمىتى بېيجىڭنى قىستايدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتتىن ئۆزىنى تارتىپ كەلمەكتە. دۇنيادا كانادادىن باشقا خىتايغا ئوتتۇرا قاتلامنىڭ بازارلىرىنى ئېچىپ بېرىۋاتقان ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە شېرىك بولۇۋاتقان بىرمۇ دېموكراتىك دۆلەت يوق. بۇ تولىمۇ نومۇسسىزلىقتۇر،» دېگەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.