كانادا ھۆكۈمىتىمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى ئويلاشماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-08-11
Share

2022-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ساھىبخانلىق قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كۆپ قىسىم دۆلەتلەر جىددىي مۇزاكىرە قىلىۋاتقان ئىشلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ھەقتىكى چۇقانلار يېقىندىن بۇيان كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىشۋاتقان دىپلوماتىك ئالاقىدە يېڭىۋاشتىن ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بولۇپ قالماقتا.

كانادادىكى «دۇنيا خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 11-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كانادا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئېرىن ئوتۇل بۇ ھەقتە مەخسۇس سۆز قىلىپ: «كانادا ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تولۇق بايقۇت قىلىشى لازىم. چۈنكى بۇ ھازىر بەك چوڭ بىر خەتەردىن سىگنال بەرمەكتە،» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزى خىتاي سوت مەھكىمىسىدە زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان كانادا پۇقراسى روبېرت شېللېنبېرگ ھەققىدىكى 15 يىللىق قاماق جازاسىنىڭ 10-ئاۋغۇست كۈنى ئۇشتۇمتۇتلا ئۆلۈم جازاسىغا ئۆزگەرتىلىشىدىن كېيىن ھەرقايسى ئاخباراتلاردىن كەڭ يەر ئالدى. نۆۋەتتە بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرى خىتاي ھۆكۈمىىتنىڭ كانادا پۇقراسىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشىنى «خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن مېڭ ۋەنجۇنىڭ كانادادا قولغا ئېلىنىشىغا قايتۇرۇلغان ئۆچ ئېلىش ھەركىتى» دەپ خەۋەر قىلماقتا ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كانادادىكى ھەرقايسى ئۆكتىچى گۇرۇھلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 2021-يىلىنىڭ بېشىدىن تارتىپلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قارشى يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە «بۇنداق ھۆكۈمەتنىڭ ئولىمپىك روھىغا خىلاپ ھالدا ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ساھىبخانلىق قىلىش سالاھىيىتى بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ئىكەن. كانادادىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئېرىن ئوتۇل بولسا شۇ ۋاقىتلاردىلا ئۆزىنىڭ بۇ چاقىرىقنى قىزغىن ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن. ئۇ بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادا پۇقراسىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى كەسكىن ئەيىبلەپ: «خىتاي سىياسىي مۇناسىۋەتنى باھانە قىلىپ، بىر چەت ئەل پۇقراسىغا ئۆلۈم جازاسى بەردى. بۇنى بىز ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايمىز. شۇنداقلا ھۆكۈمىتىمىزنى بۇ مۇسابىقىنى تولۇق بايقۇت قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت