كانادا پارلامېنتى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى ماقۇللىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.05.05

كانادا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى 3-ماي كۈنى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە ئائىت S-211 ناملىق قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان. مەلۇم بولۇشىچە، كېلەر يىلى 1-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ قانۇندا چوڭ شىركەتلەرنىڭ كانادا تاموژنا دائىرىلىرىگە ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكىنى مەلۇم قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. كانادا ئامېرىكادىن كېيىن بۇ خىل قانۇن چىقىرىپ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا قانۇنى تەدبىر ئالغان 2-دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ قانۇنى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكانىڭكىدەك كۈچلۈك ئەمەس، بۇ قانۇن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە ئ‍ۈنۈملۈك بولمايدۇ، دەپ قارالماقتا.

لېكىن «ۋول سچېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قانۇننى سۇنغان باش مىنىستىر جاستىن ترۇدونىڭ لىبېراللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى جون مىكاي، بۇ قانۇن «كانادانى يەرشارى قۇللار ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يېتەكچىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. بۇ قانۇن ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا كانادا كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇندا پەقەت شىركەتلەرنىڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى ۋە بۇ خىل مەھسۇلاتلارغا قارشى تەدبىر ئ‍ېلىشى، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلارغا 184 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇش تەلەپ قىلىنغانىكەن. لېكىن تەنقىدچىلەر بۇ قانۇن شەكىلۋازلىق پەيدا قىلىپ، مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

«ۋول سچېرېت ژۇرنىلى» نىڭ ئېيتىشىچە، «كانادا شىركەت مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تورى» تەشكىلاتىنىڭ سىياسەت دىرېكتورى ئېمىلېي دۋايېر: «كانادا شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بالىلار ئەمگىكىدىن داۋاملىق پايدا ئالىدىغانلىقى»، بۇ قانۇننىڭ بۇ قىلمىشلارنى توسۇشتا «ھېچقانداق قەدەم باسمىغانلىقى» نى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.