كانادالىق دىپلوماتلارنىڭ تىبەتنى زىيارەت قىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-10-06
Share

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىتىفان دىئون خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى كانادالىق دىپلوماتلارنىڭ تىبەتنى زىيارەت قىلىشى ۋە ئۇ يەردە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بىر قاتار قۇرۇلۇش پىلانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىگە توسالغۇ بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

كانادادا چىقىدىغان «يەر شارى ۋە مەكتۇپلار» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىتىفان دىئون بۇ سۆزنى كانادا پارلامېنت ئەزالىرىغا بەرگەن بىر يازما باياناتىدا قىلغان. ئۇ سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كانادالىق دىپلوماتلارنىڭ تىبەتنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا رەت قىلمىسىمۇ، ئەمما زىيارەت كىنىشكىسى ئېلىشنى قىيىنلاشتۇرۇش، ۋاقىتنى سوزۇش قاتارلىق ئاماللار بىلەن چەكلەپ كەلگەنلىكىنى، تىبەتكە بېرىشكە رۇخسەت قىلىنغان تەقدىردىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارغا خۇددى سايىدەك ئەگىشىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تىبەت ئاپتونوم رايونىدا كاناداغا قاراشلىق «خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتلىقى» ياردەم قىلىپ ئىش باشلىغان قۇرۇلۇش پىلانلىرى بار ئىكەن. ئەمما خىتايدىكى كانادا ئەلچىخانا خادىملىرى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈش ئۈچۈن تىبەتكە بېرىشىغا ئىزچىل يول قويۇلمىغان. مونترىيالدىكى كانادا تىبەت كومىتېتى خىتاينىڭ تىبەتكە ساياھەت قىلىشنى چەكلەش ئارقىلىق رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئوتتاۋادا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئىلگىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتنىڭ چەتئەللىك زىيارەتچىلەر، مۇخبىرلارنىڭ بېرىشى ئەڭ قېيىن بولغان جايلار ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەرگە بارغان مۇخبىرلارنىڭمۇ قاتتىق تەقىب ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت