كانادا پارلامېنت ئەزاسى كايل سىبەك (Kyle Seeback) 12-دېكابىر كۈنى كانادا پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ كاناداغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە كانادا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىش ھەققىدە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.
ئۇ كانادا پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ كاناداغا كىرىشىنى تېخىچە توختاتمىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان؛ كانادانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە مەخسۇس بىر قانۇن چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، بۇ جەھەتتە كانادانىڭ ئامېرىكانى ئۈلگە قىلىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلغان.
پارلامېنت ئەزاسى كايل سىبەك يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان. ئۇ باياناتىدا «تورونتو يۇلتۇزى» (Toronto Star) گېزىتىنىڭ 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈندىكى خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «2016-يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىن كاناداغا ئېكسپورت قىلىنغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا ھېچقانداق چەكلىمە قۇيۇلمىدى. كانادا پارلامېنتىنىڭ بۇ مەسىلىدە كانادا ھۆكۈمىتىدىن دەرھال تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىشىغا قارىماي، كانادا ھۆكۈمىتى تاكى بۈگۈنگىچە بۇ ھەقتە ئەمەلىي بىر ھەرىكەت قوللانمىدى. كانادا ھازىر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان مەھسۇلاتلارنى تۆكمە قىلىپ سېتىش بازىرىغا ئايلاندى. »
ئۇ باياناتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كانادانىڭ ئەكسىچە مەخسۇس قانۇن ماقۇللاپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارىلاشقان تاۋارلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى قاتتىق چەكلىگەنلىكىنى؛ ئامېرىكا تاموژناسىنىڭ بۇ قانۇننى قوللىنىپ، خىتاينىڭ مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلىرىنى چېگرادا تۇتۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كايل سىبەك سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدونىڭ ئالدىنقى يىلى 10-دېكابىردا «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى قوغداش كانادا ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
