كانادا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى مېڭ ۋەنجۇنى قولغا ئالغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا پۇقرالىرىدىن مايكىل كوۋرىگ ۋە مايكىل سپاۋورنى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغان» دېگەن باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى ئالاقىدار نىزاملارغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ، كانادا پۇقرالىرىنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنىڭ يېقىنقى ئۆتمۈشى يەنە بىر قېتىم ئاخبارات ساھەسىگە ئاشكارا بولدى.
كانادادىكى تور يازغۇچىسى ئەزىزە كەنجى «ئوتتاۋا پۇقرالىرى» تورىدا 8-يانۋار ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە دەل مۇشۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا خىتاينىڭ كانادا پۇقرالىرىنى قولغا ئېلىشىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەسلىكىنى، 2006-يىلى ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىنغان كانادا پۇقرالىقىدىكى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىسى بولۇشىغا قارىماستىن «تېررورلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئاپتور، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي ۋە سىياسىي باستۇرۇشلارغا قارشى دەۋا قىلغانلىقى ئۈچۈنلا مەخپىي قولغا ئېلىنغانلىقى، تۈرمىدە قىيناش ۋە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇشقا دۇچ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئادۋوكات ياللىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىش ئارقىلىق نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىنى دۆلەت تېررورلۇقىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك نۆۋەتتىكى لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ دەل مۇشۇ خىل سۇيىئىستېمال قىلىشنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا «تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئەمدىلىكتە بۇ خىل چارىلەرنىڭ كانادا پۇقراسى بولغان مايكىل كوۋرىگ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا تەدبىقلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىگە يېيىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىنسان ھەقلىرى سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەيدۇ.
