گېنېرال ۋانېس: «خىتاي ۋە رۇسىيەگە قارشى بۈيۈك ئىستراتېگىيە بەرپا قىلىشىمىز لازىم!»

كانادا ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، گېنېرال جوناسان ۋانېس يېقىندا رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا يېڭى رەقىبلەردىن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ ئىككى دۆلەتكە قارىتا بۈيۈك ئىستراتېگىيە بەرپا قىلىپ چىقىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

«يەر شارى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گېنېرال ۋانېس بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «نۆۋەتتە بىز دۇچ كېلىۋاتقان ھەقىقىي خەتەر خىتاي ۋە روسىيەدىن كېلىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ھازىرغىچە بۇنىڭغا قارشى بىرەر مۇكەممەل تەييارلىقىمىز يوق بولۇۋاتىدۇ» دېگەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەرقايسى جايلاردا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن غەرب دۆلەتلىرى بۇنىڭدىن بەكلا ئەندىشىگە چۈشكەن. ئەمما يېڭىدىن سايلانغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان جىددىيلىككە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يېڭىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گېنېرال ۋانېس مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «غەرب دۇنياسى جەزمەن خىتاينىڭ زور كۆلەملىك كېڭەيمىچىلىكىگە قارىتا بىر بۈيۈك ئىستراتېگىيە بەرپا قىلىشى لازىم» دېگەن.

خەۋەرە ئېيتىلىشىچە، گېنېرال ۋانېس خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھازىرچە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى يوق، دەپ قارىسىمۇ، غەرب دۇنياسىنى خىتاي راستىنىلا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا بۇنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغۇدەك بىر پىلانغا ئىگە بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدىكەن. شۇنىڭدەك «خۇاۋېي شىركىتى» نىڭ G5 تېخنىكىسىنى كاناداغا ئېلىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارا تەكىتلىگەن.