كانادا پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-02-08
Share

كانادا پارلامېنت ئەزالىرىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەركىتى سەۋەبلىك 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلىپ، قارار لايىھەسى تونۇشتۇرغان ئىدى. كانادادىكى «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادانىڭ ھەر قايسى سىياسى پارتىيە-گۇرۇھلىرىدىن بولغان 13 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بۇ توغرىسىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان.

ئۇلارنىڭ خېتىدە تەكىتلىشىچە، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش «ئۆز خەلقىگە قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئۇنىڭ رەزىل ۋە ئۆز ئۆزىنى كۆككە كۆتۈرۈۋاتقان بىر تاماشاغا ئىشتىراك قىلىش بولىدىكەن.» ئۇلار خېتىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەپ، قانۇن چىقارغۇچىلار 1936-يىلىدىكى ناتسىستلارنىڭ بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا سېلىشتۇرغان بۇ مۇسابىقىنىڭ تەنھەركەتچىلەرنى بۇلغىشىدىن ساقلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا كەڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش توغرىسىدا قارار لايىھەسى سۇنغان. بۇنىڭ ئالدىدا ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بېيجىڭ قىشلىك ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىدىغان دۆلەتلەرگە تەھدىت سالغان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى «خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلغان ھەرقانداق دۆلەتكە جىددىي ئىمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت