كانادا پۇقراسى بولغان ھۈسەنجان جېلىل 1999-يىلى ئۆزبېكىستان سەپىرىدە قولغا ئېلىنىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن كانادا پۇقرالىرىنى قولغا ئېلىش قىلمىشى كۆپ قېتىملاپ يۈز بەرگەنىدى. 13-ماي كۈنى كانادادىكى «ۋانكۇۋېر قۇياشى» گېزىتى مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كانادا پۇقرالىرىغا قورققاق سېلىش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا كەسكىن چارە قوللىنىشى لازىملىقىنى يەنە بىر قېتىم كانادا ھۆكۈمىتىگە ئەسلەتتى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كانادا پۇقراسى بولۇپ ئەركىن دۆلەتتە ياشاش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ۋە تىبەت كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەمدە ئۆكتىچى پىكىردىكىلەر يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا كۆپ قېتىملاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتلىرىگە ۋە پاراكەندە قىلىشىغا دۇچ كەلمەكتىكەن. بۇنىڭدا خىتاي ساقچىلىرى بەزى كىشىلەرگە يېرىم كېچىدە تېلېفون قىلىپ ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئېغىر كېلىشمەسلىككە دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتسا، يەنە بەزىلىرىدە ئۇلار شۇ جايدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىسىغا بېرىپ ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلىشقا بۇيرۇلغان.
كانادادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن مەمەت توختى، دىلنۇر ئەنۋەر قاتارلىقلار مانا مۇشۇ خىلدىكى تەھدىتلەرگە كۆپ قېتىم ئۇچرىغانلار بولۇپ، بۇ خىلدىكى تەھدىتلەر خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مىڭ ۋەنجۇنى 2018-يىلى كانادا ھۆكۈمىتى رەسمىي تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئەۋج ئالغان. بىر قىسىم كانادا پۇقرالىرى خىتايدا قولغا ئېلىنغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان.
ھالبۇكى ماقالىدا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن يەنە بىر ئەھۋال ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، تەيۋەنلىكلەر ۋە خوڭكوڭ دېموكراتچىلىرىنىڭ كانادا تۇپرىقىدىكى پائالىيەتلىرى كۆپ قېتىملاپ بېيجىڭپەرەس كىشىلەرنىڭ ئاشكارا ھالدا ئىجازەتسىز سۈرەتكە تارتىشى، توپلىشىپ ھەيۋە كۆرسىتىشى، ھەتتا قوللىرىنى يۈزلىرىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ تەھدىت سېلىشىغا دۇچ كەلگەن. ئەمما بۇ خىل پائالىيەتلەردە بۇ خىلدىكى خىتايپەرەس كىشىلەرنىڭ ھەرقاچان تەرتىپلىك تەشكىللەنگەن كىشىلەر ئىكەنلىكى مانا مەن، دەپلا كۆرۈنۈپ قالغان.
ماقالىدا مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر دۆلەت بولغان كانادا «نۆۋەتتە ۋىرۇسنىڭ بالايىئاپەتلىرىدىن خالاس بولۇشقا ئالدىراۋاتقاندا خىتاي بىلەن سەن-پەن دېيىشىپ قېلىشسا ياخشى بولمايدۇ. ئەمما نېمە ئۈچۈن كانادا پۇقرالىرىغا چەتئەل ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ تەرزدە تەھدىت سېلىشىغا قارىتا كۈچلۈك بىر قوغدىنىش تەدبىرى ئالمايدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ. شۇنداقلا كانادا سىياسىيونلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەس، بەلكى كانادا خەلقى سايلاپ چىققانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ خەلققە جاۋابكار بولۇش مەجبۇرىينى بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.