كانادادىكى 68 پارلامىنېت ئەزاسى بىرلىشىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىرىق قىلدى

كانادا رادىئو شىركىتى (CBC) تورىنىڭ 15-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كانادادىكى 68 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىرلىشىپ، كانادا باش مىنىستىرىغا تەلەپنامە سۇنغان. تەلەپنامىدە كانادانىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارغا قىلىنىۋاتغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ بىرلەشمە تەلەپنامىدە ئوتتاۋانىڭ «يەر شارى ماگنىتسكىي قانۇنى» دىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە تەلەپ قىلغۇچىلارنى باستۇرۇۋاتقان خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنى جازالاش نىشانغا ئېلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پارلامېنت ئەزاسى جون مەكەي CBC خەۋەر تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كانادانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە قۇل قىلىشىغا ۋە لاگېرلارغا سولاپ زىيانكەشلىك قېلىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان كانادا پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇشتا پاسسىپ ۋە ئاستا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

مەلۇمكى، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل يىللاردىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە ئازاب چەكمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا كانادالىق سابىق دىپلومات مايكول كوۋرىگ بىلەن سودىگەر مايكېل سپاۋور 2018-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. پارلامېنت ئەزاسى جون مەكەي كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا ئىگە چىقىشىنى، خىتايغا دىپلوماتىك بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.