كانادا باش مىنىستىرى بىلەن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ناھايىتى مۈشكۈلگە توختىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-09-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تېرېدو خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى مۈشكۈلگە توختىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تېرېدو بۇ سۆزنى پەيشەنبە كۈنى شاڭخەيدە سودا ساھەسىدىكىلەرگە نۇتۇق سۆزلىگەندە تەكىتلىگەن.

ئۇ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىېرى لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە يول قويۇش خىتاينى كۈچەيتىدۇ، دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. كانادا باش مىنىستىرى بۇ سەپىرىدە خىتاي بىلەن قىممىتى 1 مىليارد 200 مىليون كانادا دوللىرىلىق 56 خىل سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى.

تېرېدو شاڭخەيدە سۆزلىگەن نۇتقىدا، «مەن ھەر بىرىگە كانادا ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە ئادىل باشقۇرۇشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن دۆلەت ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەتتىم. كانادا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈش ۋە قوغداشتا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى » دېگەن. ئۇ يەنە، « بۇ سۆھبەتنىڭ ئۇنچىلىك ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، بۇنى سۆزلىشىش بىر زۆرۈرىيەت ئىدى» دەپ تەكىتلىگەن.

جاستىن تېرېدونىڭ خىتاي زىيارىتى 30‏-ئاۋغۇست باشلانغان. ئۇ زىيارەتكە چىقىش ئالدىدا كانادا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى كەۋىن گارىت بىلەن ھۈسەنجان جېلىلنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچرىغان.

كانادا ھۆكۈمىتى 2006‏-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھۈسەنجان جېلىل بىلەن بۇنىڭدىن 2 يىل ئاۋۋال جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان كەۋىن گارىتنى قۇتقۇزۇشقا يېتەرلىك كۈچ چىقارمىدى، دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت