خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا پۇقراسى كەۋىن گارېتنىڭ «قانۇن بويىچە» قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.09.16

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان كانادا پۇقراسى كەۋىن گارېتنىڭ «قانۇن بويىچە» قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جۈمە كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، كەۋىن گارېتنىڭ «بارلىق قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىنغان، كانادا تەرەپنىڭ دىپلوماتىك مۇلازىمەت ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىنغان ھەم ئەمەل قىلىنغان.»

كەۋىن گارېت 2014‏-يىلى ئايالى جۇلىيە گارېت بىلەن خىتاينىڭ شىمالىي كورېيە چېگراسىدىكى دەندۇڭ شەھىرىدە قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئايالى كاپالەتكە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزى داۋاملىق تۇتۇپ قېلىنغان ئىدى.
ئەر-ئايال گارېتلار 1984‏-يىلدىن بېرى دەندۇڭدا «قەھۋەخانا» ئېچىپ، شىمالى كورېيە مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلىپ كەلگەن.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دەندۇڭ سوت مەھكىمىسى سەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭغا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويۇشنى بۇيرۇغان. ئەمما دائىرىلەر، سوتنىڭ قانداق ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.

كەۋىن گارېتنىڭ كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تېرېدونىڭ يېقىندا خىتايغا قىلغان زىيارىتىدىن كېيىنلا قويۇپ بېرىلىشى دىققەت قوزغىدى. تېرېدو خىتايغا سەپەر قىلىش ھارپىسىدا كانادا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى كەۋىن گارېت، ھۈسەنجان جېلىل قاتارلىق تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدىكى قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىغان ئىدى.

كەۋىن گارېتنىڭ ئائىلىسى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «گارېت ئائىلىسى ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلغانلارغا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كۈچ چىقارغان ھەر بىر كىشىگە رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.