كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو (Justin Trudeau) خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ «چىل بۆرە» دىپلوماتىيەسى تۈپەيلىدىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا نورمال مۇناسىۋەت قۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي بىلەن كېلىشىپ قېلىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 7-سېنتەبىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سىنگاپوردا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جاستىن ترۇدو مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ھازىر نورمال مۇناسىۋەت قىلغىلى بولمايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا خىتاينىڭ چىقارغان قارارلىرى كانادا ۋە باشقا دۆلەتلەرنى دىپلوماتىيە جەھەتتە قىيىن ئەھۋالدا قويدى» دېگەن.
2015-يىل كانادانىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان جاستىن ترۇدو، خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن؛ ئەمما 2018-يىلنىڭ ئاخىرىدا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مالىيە بۆلۈمى باشلىقى مېڭ ۋەنجونىڭ كانادادا تۇتۇلۇپ ئامېرىكاغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىش ۋەقەسى بىلەن كانادا-خىتاي مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ كەتكەن؛ كېيىن خىتاي ئىككى كانادا پۇقراسىنى تۇتۇپ سوتلاپ بىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانىدى. بۇ ئىش كېيىن كانادا پۇقراسىنى قۇتۇلدۇرۇش بەدىلىگە مېڭ ۋەنجونىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن ئاياغلاشقان بولدى.
جاستىن ترۇدو بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «خىتاي سىياسىي سەۋەبتىن ئىككى كانادا پۇقراسىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. ئەمما خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ»
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ترۇدو ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كانادا سايلىمىغا ئارىلىشىشىغا سەل قارىغانلىقى ياكى ئۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن. ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ بېسىمى بىلەن، ئۇ بۇ ھەپتە چەت ئەلنىڭ كانادانىڭ سايلىمىغا ئارىلىشىش مەسىلىسىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.