كانادا پارلامېنت ئەزالىرى كانادا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىشى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ ئېلان قىلىشقا چاقىرغان. كانادادىكى «يەر شارى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى گارنېت گېنىيۇس بىلەن مايكېل چوڭ 24-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشى» نى تەلەپ قىلغان.
ئۇلار باياناتىدا، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ سىستېمىلىق نوپۇس كونترولى، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكېل چوڭ كونسېرۋاتىپلارنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغانلىقىنى سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ئېتىراپ قىلىپلا قالماي، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭمۇ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن باش مىنىستىر تېرىدونىڭ كانادا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان. «يەرشارى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، گارنېت گېنىيۇس بىلەن مايكېل چوڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمەتنى «بايدېن مەمۇرىيىتىگە قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشقا، شۇنىڭدەك باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ بۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈپ، بۇ قىرغىنچىلىققا قارشى تەڭ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.