كانادادىكى چېركاۋلار ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ھۆكۈمەتكە بېسىم پەيدا قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-08-03
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەۋاتقانلار ئارىسىدا دىنىي جامائەت بارغانسېرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلىمەكتە. كانادادىكى «يەرشارى ۋە پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە كانادا تەۋەسىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرگە مەلۇم بولۇشقا باشلىغان. نەتىجىدە يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى جايلاردىكى چېركاۋلار كانادا ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىشنى باشلىۋەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چېركاۋلاردىكى دىنىي جامائەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقادنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە باغلىشى، شۇنداقلا لاگېرلارغا قامىشىدىن بەكمۇ غەزەپلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارى بولسا ئۇلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادنى يوقىتىشتەك ھەقىقىي غەرىزىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جايلاردا چېركاۋلار مۇسۇلمانلار جامائىتى بىلەن بىرلىكتە مۇراجىئەتنامە تەييارلاپ كانادا ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتكەن ھەمدە ئۇلارنى تېزرەك «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە قارار ئېلىشقا ئۈندىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كانادا پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە رەسمىي قارار ئالغان بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە تېخىچە قارار چىقارمىغانىكەن. كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى گارنېت جېنيۇس ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ ۋەزىپىمىز» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت