كانادا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى سەۋەبلىك كانادا پارلامىنتىدا يېڭى بىر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.11.26

كانادانىڭ «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادا كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىئو خوساكوس 24-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

لىئو خوساكوس ئوتتۇرىغا قويغان لايىھەسىدە تاموژنا بېجىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، «پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش» نى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئۇ «دەۋر گېزىتى» گە بەرگەن زىيارىتىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ قانۇن لايىھەسى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇندا تۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشتىكى قىممەت قارىشىنى ئىپادىلەشتىكى مۇھىم بىر پۇرسەتتۇر. كانادا ھېچقانداق بىر مەسىلىدە خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولمىدى، مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇشتىكى پوزىتىسيەسىمۇ يىتەرلىك ئەمەس».

يېقىندا كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارالىق خالىفەكس خەۋپسىزلىك كېڭىشى» دىن ئىبارەت مۇھىم يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، كانادا ھۆكۈمىتىدىن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ كانادا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش قاتارلىق مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.