2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكا «دۆلەت مۇداپىئەسى ئالىي تەتقىقات ئورنى» نىڭ يۇتۇب قانىلىدا «كارخانىلارنىڭ جىنايەت شېرىكچىلىكى: ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى قانداق شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ؟» ناملىق بىر ۋىدىيو ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ كانچىلىق ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشنىڭ تېخى باشلانمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ ۋىدىيودا ئالدى بىلەن، 2022-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى، يېڭى ئېچىلغان «غەربىي دىيار ئالتۇن كانى» نىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 18 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، بۇ ۋەقەنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
بۇ ۋىدىيودا يەنە، «غەربىي دىيار ئالتۇن كانى» جايلاشقان ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي بىلەن ياۋرو-ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك بولۇپلا قالماي، ئالتۇن-كۈمۈش، نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق مول تەبىئىي بايلىق ماكانى، ھەربىيلەرنىڭ ئارقا سەپ ھويلىسى ۋە ئاشلىق بازىسى ئىكەنلىكى، بۇ رايوننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك خەلققە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ۋە ساقچىلار، تۈرمە-لاگېرلارنى ئىشقا سېلىپ، تەقىپ-نازارەتنى كۈچەيتىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، ئۇلارنى ماكانلىرىدىن ئايرىپ، ئىچكىرى خىتايدىكى زاۋۇتلاردا قۇل ئەمگىكىگە سېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ ۋىدىيودا تەكىتلەنگەن ئەڭ مۇھىم نۇقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ كان ئىشچىلىرى بولۇشقا مەجبۇرلىنىشى بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يولغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشتا ئەڭ ئاجىز ھالقا بولۇپ تۇرۇۋاتقىنى خىتاينىڭ كان مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ئىكەن، بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنى تېخى باشلانمىغان دېيىشكە بولىدىكەن. بۇ يەردىكى مەسىلە، ئامېرىكانىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ كەم بولۇشى ئەمەس، بەلكى خىتايدىكى مەسىلىنىڭ مۇرەككەپلىكى ئىكەن. چۈنكى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتا شېرىك بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان نورمال ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تولۇق ئايرىپ بولالمىغان. ئەمەلىيەتتە، بولسا ئۇيغۇر رايونىدا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىشنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالغان. مەسىلەن، ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى قەبىھ ئۇسۇلدا باستۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن كانلىرىنى ۋە مەدەنچىلىك شىركەتلىرىنى ئىگىلىگەن. «غەربىي دىيار ئالتۇن كانى» ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىكەن.
ۋىدىيودا بايان قىلىنغىنىدەك، يېقىنقى يىللاردا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن شىركەتنىڭ بىرلىشىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى كان بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى كانچىلىق ئىشلىرىغا سېلىشى ئەۋجىگە چىققان، بۇنىڭدىن چىققان كان مەھسۇلاتلىرى، جۈملىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەر پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا كىرگەن ھەمدە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە سېتىلغان. نۆۋەتتە بۇ ساھەدىكى قۇل ئەمگىكىنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاش ۋە چەكلىمە قويۇش ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالغان.