ئىسلام كەرىموف دەپنە قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.09.04


ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ تاۋۇتى 3 سېنتەبىر ئايروپىلان بىلەن تاشكەنتتىن ئۇنىڭ يۇرتى سەمەرقەنتكە ئېلىپ كېلىنىپ، سەمەرقەنتنىڭ قەدىمى شەھەر رايونى رېگىستان مەيدانىدا جىنازا نامىزى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مېيىتى تارىخى مازارلىق شاھى زىنداندىكى ئۆز ئاتا - ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسلام كەرىموفنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قازاقىستان، ئافغانىستان، گرۇزىيە، جەنۇبىي كورېيە، بېلارۇسىيە، ئۇكرائىنا، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق 17 دۆلەت رەھبىرى ۋە ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، بۇلار قاتارىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفمۇ بار. خىتاي بولسا بىر مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنى ئەۋەتكەن. رۇسىيە تەرەپتىن باش مىنىستىر دمىترىي مېدۋېدېۋ كەلگەن بولۇپ، پرېزىدېنت پۇتىن خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىگە بېرىش سەۋەبىدىن كېلەلمىگەن.

ئىسلام كەرىموفنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئۇنىڭ ئايالى تاتىيانا ئەكبەروۋنا ۋە كىچىك قىزى لالە دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقا بولۇپ، چوڭ قىزى گۈلنارە ۋە چوڭ ئوغلى پېترنىڭ دادىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشمىغانلىقى دىققەتنى چەككەن.

ئىسلام كەرىموفنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزبېكىستاندا ئۈچ كۈنلۈك ماتەم كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەكتەپلەر ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش مەۋسۇمىنى ئىسلام كەرىموفنى خاتىرىلەش دەرسى بىلەن باشلىغان.

نۆۋەتتە ئىسلام كەرىموفتىن كېيىنكى ئۆزبېكىستاندا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشى ئەڭ مۇھىم تېما سۈپىتىدە تەھلىل قىلىنماقتا. ئىسلام كەرىموف 1989 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىدىن باشلاپ، ئۆلگۈچە 27 يىل بۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.