كارىزلارنىڭ قۇرۇشقا يۈزلىنىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى بىر زور يوقىتىشتىن بېشارەت بەرمەكتە

خىتاي يىللاردىن بۇيان «يەر ئاستى سەددىچىن سېپىلى» دەپ ئاتاۋاتقان تۇرپان كارىزلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان قۇرۇپ كېتىشكە يۈز تۇتۇشى ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ماددىي مەدەنىيىتىدىكى بىر كاتتا مىراسنىڭ غايىب بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

«يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ 20-ئۆكتەبىر سانىغا مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرى ناسان ۋاندېركلىپ تۇرپاندىكى ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئاساسىدا يېزىپ چىققان بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ماقالىسى بېسىلغان. ئاپتور ماقالىسىدە: «نۆۋەتتە 4400 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۇرپان كارىزلىرىنىڭ ئاران تۆتتىن بىرىدە سۇ ئېقىۋاتىدۇ،» دەپ يازغان. ئەمما ئىراندىكى كارىزلارنىڭ بولسا نۆۋەتتە تۆتتىن ئۈچ قىسمىدا ئىزچىل سۇ ئاقماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، رايون مىقياسىدا زامانىۋى پەن-تېخنىكىنىڭ كۆپلەپ تەتبىقلىنىشى كارىزلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشكە يۈزلىنىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب ئىكەن.

مۇخبىر كارىزلارنىڭ ھازىرقى خەتەرلىك ئەھۋالى ھەققىدە يەرلىك ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغاندا ئۇلار «بىز ئۇيغۇر بولغاچقا بۇ توغرىلىق سۆزلىيەلمەيمىز. بولمىسا بىزنى (ھۆكۈمەت) بىردەمدىلا بارىدىغان يەرگە ئاپىرىپ قويىدۇ،» دېگەن.