كاتالونىيە ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.10.27

ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئاپتونوم رايونلۇق پارلامېنتى جۈمە كۈنى بىلەت تاشلاپ، مۇستەقىللىق جاكارلىدى.

كاتالونىيە خەلقى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا رېفېرامدۇم ئۆتكۈزۈپ، ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش-بولماسلىقنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويغان ئىدى. كاتالونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رېفېراندۇمغا قاتناشقان 43 پىرسەنت خەلقنىڭ 90 پىرسەنتى مۇستەقىللىقنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. بىراق ئىسپانىيە ئاساسى قانۇن مەھكىمىسى رېفېراندۇمنى «قانۇنسىز»، دەپ ئېلان قىلغان.

مۇستەقىللىقنى قوللايدىغان كاتالانلار جۈمە كۈنى پارلامېنت ئالدىغا يىغىلىپ، پارلامېنتنىڭ مۇستەقىللىق قارارىنى تەبرىكلىگەن. پارلامېنت بىناسى ئالدىدىكى تەبرىكلەشكە قاتناشقان بىر كاتالونىيەلىك ئايال ب ب س غا سۆز قىلىپ، «بىز ئاخىرى ئەركىنلىككە ئېرىشتۇق. بىز ئېزىشكە ئۇچراپ كەلگەن. بىز ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتاتتۇق،» دېگەن.

شۇ كۈنى كاتالونىيەنىڭ بەزى رايونلىرىدىكى ھۆكۈمەت بىنالىرىدا ئىسپانىيە بايرىقى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كاتالونىيە بايرىقى تىكلەنگەن. بىراق ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كاتالونىيە پارلامېنتى مۇستەقىللىق جاكارلىغان جۈمە كۈنى ئىسپانىيە پارلامېنتى بىلەت تاشلاپ، كاتالونىيەنى باشقۇرۇشنى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىش ھەققىدىكى بىر قارارنى ماقۇللىغان. ئىسپانىيە باش مىنىستىرى مارىئانو راجوي، ئىسپانىيە پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا سۆز قىلىپ، كاتالونىيەدە «قانۇن، دېموكراتىيە ۋە مۇقىملىق» نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىقى قارارى 135 كىشىلىك كاتالونىيە پارلامېنتىدا 70 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 10 ئاۋازنىڭ قارشى چىقىشى، ئىككى ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن ماقۇللانغان. بۇ يىل 1‏-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن كاتالونىيە مۇستەقىللىق رېفېرامىدىن كېيىن كاتالونىيە پرېزىدېنتى پيۇگدېمونت «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» غا ئىمزا قويغان بولسىمۇ، بىراق خىتابنامىنى ئېلان قىلىشنى كېچىكتۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.