خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى دەرھال تاقاشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-03-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

14-مارت خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بارلىق تۇتقۇنلارنى دەرھال ئازاد قىلىشقا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رايوندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى تەلىپىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرۇشقا چاقىردى.

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى نويابىردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە ئۇنىۋېرسال ۋە قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىدا خىتايغا سۇنۇلغان 346 تەكلىپ-پىكىر ئارىسىدىكى 62 تەكلىپنى «خىتاينىڭ دۆلەت ئەمەلىيىتى ۋە قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن ئەمەس، ئۇ سىياسىي قاراتمىلىققا ئىگە» دەپ رەت قىلغان ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 14-مارتتىكى باياناتىدا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى نومۇسسىزلارچە يوققا چىقارغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەت قىلغان ماددىلار ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ۋە شۇنداقلا تىبەت رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنى بېسىم سىياسەتلىرى، ئۆلۈم جازاسى، خۇسۇسىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىگە ئائىت تەكلىپ-پىكىرلەر ئىكەن.

ئالدىنقى كۈنى يەنە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

مەلۇم بولۇشىچە، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي دىيالوگى» ئالدىمىزدىكى ئايدا بىريۇسسېلدا ئېچىلىدىكەن. ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى تەدبىر ئېلىشقا چاقىرماقتا.

ئۇلار باياناتىدا ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى لاگېرغا قامىغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بارلىقى ۋە لاگېر سىرتىدىمۇ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەر ھاياتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە نازارەتكە ئېلىنىۋاتقانلىقىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا قاراپ تۇرماسلىققا چاقىرغان.

يۇقىرىقى بۇ باياناتقا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا خىرىستىيان ھەمكارلىقى تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق تەشكىلات ئىمزا قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت