خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ يىل 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچىدە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراپ، ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى بولمىغان قازاق ئايال ژۇرنالىست ۋە سەنئەتچى جانارگۈل جۈمەتاينى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەركىتى باشلىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى چاقىرىقىدا ئېيتىلىشىچە، جانارگۈل جۈمەتاينىڭ تۇتقۇندا قىيىن-قىستاق ۋە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچراش خەۋپى مەۋجۇت ئىكەن.
جانارگۈل جۈمەتاي ئىلگىرى قازاقىستاندا ئۇزۇن يىل ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىغا قايتقاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، 2 يىلدەك لاگېردا ياتقان. ئۇ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا چەت ئەلدىكى قازاق پائالىيەتچىلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۆزىنىڭ قازاقىستانغا قايتىپ كېتىشىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئارقىدىنلا ئۇ بۇ يىل 10-فېۋرال كۈنى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئانىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كىشىلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇيغا ئەرز يېزىپ، ئۇنىڭدىن جانارگۈلنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەركىتى باشلىغان. ئەرزنامىدە جانارگۈلنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى، قويۇپ بېرىلگىچە ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە خالىغان ئادۋوكاتنى تەكلىپ قىلىشىغا يول قويۇلۇشى، ئۇنىڭ قىيىن-قىستاق ۋە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى ھەمدە مۇۋاپىق داۋالاشقا ئېرىشىشى تەلەپ قىلىنغان.
جانارگۈل جۈمەتاينىڭ مەسىلىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇينىڭ يېقىندا قازاقىستاندا ئېلىپ بارغان زىيارىتى مەزگىلىدە تىلغا ئېلىنغان ياكى ئېلىنم، ىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما قازاقىستان دائىرىلىرى ما شىڭرۇينىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاينىڭ ئالمۇتادىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا لاگېردىكى ئائىلە ئەزالىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان 3 نەپەر قازاق ئەرزدارنى تۇتقۇن قىلىپ، بىر قانچە سائەتتىن كېيىن قويۇپ بەرگەن.