خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇمنىڭ جازاسىز قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقى بايان قىلىنغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ھېچقانداق يوسۇندا جاۋابكارلىققا تارتىلمايۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ سوئال-سوراقسىز قېلىۋاتقانلىقىنى نۇقتىلىق تەكىتلىگەن.

24-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنغان يىللىق دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېگەن:

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئېلان قىلغان ۋە خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ يەكۈن چىقارغان دوكلاتتا بېرىلگەن تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئىسپات يوق. 2017-يىلى باشلانغان ۋە بىر مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىغا سەۋەب بولغان تۇتقۇن ھەرىكەتلىرى 2023-يىلى ئىچىدىمۇ ئىزچىل داۋام قىلغان.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يۇقىرىدىكى سۆزىگە مىسال سۈپىتىدە ئۆتكەن يىلى ئىچىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق كېسىلگەن زۇليار ياسىننى، ئاپىسى راھىلە جالالىدىننى ھەمدە يەنە قازاق ژۇرنالىست جانارگۈل جۇماتايلارنى تىلغا ئالغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.