خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ غەرب ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى» نى ئاشكارىلىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 13-ماي كۈنى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا پاراكەندىلىك، نازارەت ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان سىياسىي جەھەتتىن ئاكتىپ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» تا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايدىكى ئائىلىسىنى پاراكەندە قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى نازارەت قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانماقتىكەن. دوكلاتتا، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان خىتاي ۋە خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قورقۇتۇش، پاراكەندىچىلىك، نازارەت قىلىنىش ئەندىشىلىرى ئىچىدە ياشايدىغانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ چەتئەلدە «نازۇك» تېما ياكى سىياسىي مەسىلىلەرگە چېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

«مەكتىپىمىز قورۇسى ئىچىدە مەن قورقۇپ ياشايمەن» ماۋزۇلۇق بۇ دوكلات، بېلگىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسارىيە، كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان 32 نەپەر ئوقۇغۇچى زىيارەت قىلىنىش ئارقىلىق تەييارلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ 12 نەپىرى خوڭكوڭلۇق ئىكەن. زىيارەت قىلىنغان 32 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بار-يوقلۇقى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما بۇرۇن شىمالىي ئامېرىكادىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەلىرىمۇ يۈز بەرگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى ساراھ برۇكس: «بۇ دوكلاتتا توپلانغان گۇۋاھلىقلار خىتاي ۋە خوڭكوڭ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيىدىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا بولسىمۇ جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى قورقۇنچ ئىچىدە قالدۇرغانلىقىنىڭ ‍ئېچىنىشلىق كارتىنىسىنى سىزىپ بەردى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دوكلاتتا، بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشقا قوبۇل قىلغان ساھىبخان دۆلەتلەرنىڭ «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» قا قارشى تۇرۇشى، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىلمىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىشى تەلەپ قىلغان.