خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كانادا تارمىقى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، كېيىنرەك قاماق جازاسى 20 يىلغا قىسقارتىلغان كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ مەسىلىسىنى قايتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان. كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا تارمىقىنىڭ پىدائىيلىرى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ۋەكىل تەيىنلەپ، ھۈسەنجان جېلىلنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن پائالىيەت باشلىغان.
كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئالدىنقى سەپ پىدائىيلىرىدىن ۋىلف رۇلاندنىڭ ئوتتاۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭقۇر دىپلوماتىك سوغۇقچىلىق دەۋرىدە تۇرغان بىر ۋاقىتتا، 17 يىلدىن بېرى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ھۈسەنجان جېلىلنى قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋىلف رۇلاند كانادا ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېگەن: «بۇ دېلونىڭ پۈتكۈل جەريانىدا، جۇغراپىيەلىك سىياسىي داۋالغۇشلار بولدى. ئەمما بىزنىڭ ۋەزىپىمىز پەقەت كانادا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ دىققىتىنى بۇ ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى داۋاملىق ئىشلەشكە ئۈندەش بولدى».
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسىدىن بولغان ۋە 2001-يىلى كاناداغا كېلىپ، 2005-يىلى كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ھۈسەنجان جېلىل، شۇ يىلى ئۆزبېكىستانغا تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئۇ كېيىنكى يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ جەرياندا كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن كۆپ قېتىم سۆزلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۇنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى، شۇنداقلا كانادانىڭ دىپلوماتىك ياردىمىغا ئېرىشىشىنى رەت قىلغان.
كانادا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئەھۋالىدىن ئانچە-مۇنچە خەۋەر ئېلىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن 2016-يىلدىن كېيىن بارلىق ئالاقە ئۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ھېچقانداق خەۋەر بولمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر، تۈرمىلەرگە قامىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم كانادالىقلار يېقىندا ئىمزا توپلاپ، كانادا پارلامېنت ئەزاسى گارنېت گېنيۇس ئارقىلىق ئاۋام پالاتاسىغا سۇنغان، شۇنداقلا كانادا ھۆكۈمىتىدىن ھۈسەنجان جېلىلنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن بىر مەخسۇس ۋەكىل تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغان.