خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، خەيرىگۈل نىيازنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.11.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېقىندا خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بېرى ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى بولمىغان ساياھەت شېركىتى دېرىكتورى خەيرىگۈل نىيازنىڭ ئىز-دېرىكىنى بېرىشنى ۋە ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيە شۆبىسى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ پائالىيەت، 28-ئۆكتەبىر خەيرىگۈل نىيازنىڭ دەل 36 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىدا قەيت قىلىنىشىچە، خەيرىگۈل نىياز 2017-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان بىر مىليوندىن ئارتۇق تۇتقۇننىڭ بىرى ئىكەن. چاقىرىقتا ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇپ خىتايغا قايتقاندىن كېيىن ساياھەت شىركىتى ئاچقانلىقى، بىراق ئ‍ۇنىڭ 2017-يىلى تۇيۇقسىز غايىب بولغانلىقى، چۈنكى ئۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چاقىرىقتا ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ ھازىر گېرمانىيەدە ياشايدىغان ئىنىسى ئۇنى لاگېردا ياكى تۈرمىدە، دەپ گۇمان قىلىدىغانلىقى، چۈنكى ئۇنىڭ چەت ئەلگە ساياھەتكە چىققانلىقى ۋە چەت ئەلدە ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ پائالىيەتتە كىشىلەرنى ئىمزالىق خەت يېزىشقا قاتنىشىپ، خىتاي دائىرىلىدىن خەيرىگۈل نىيازنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان. ئىمزالىق خەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، «خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا دائىر يېتەرلىك، ئىشەنچىلىك، قايىل قىلارلىق دەلىل-ئىسپات بولمىغىچە، خەيرگۈل نىياز ۋە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان باشقا بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشى»، «تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى تاقىشى» تەلەپ قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.