ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى تېزرەك ماقۇللاشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 8‏-دېكابىر كۈنى يىغىن چاقىرىپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى تېزرەك ماقۇللىشى ئۈچۈن ئامېرىكادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە چاقىردى.

يىغىندا قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئاۋازغا قويۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش تەكىتلىنىپ، شۇڭا ئامېرىكادىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ كېڭەش پالاتا رەھبىرى مىچ مىككونېلغا ۋە باشقا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا تېلېفون قىلىشى، خەت يېزىشى، يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشى، شۇنىڭدەك ئامېرىكا جەمئىيىتىگە خىزمەت ئىشلەپ، تەتقىقاتچىلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، تاراتقۇلار ۋە قولۇم-قوشنىلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈشى تەلەپ قىلىندى.

ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇمارىس ئالماس رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى قۇززات ئالتاي سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت بىلەن بەسلىشىۋاتقانلىقى، شۇڭا ھەر بىر ئۇيغۇر بۇ ئىشنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئەگەر: «بۇ قانۇن ئۆتۈپ قالسا، بۇ ئۇلارنىڭ غەلىبىسى ئەمەس، بەلكى مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئاھۇ-زارىنىڭ پەلەكنى تىترەتكەنلىكىدۇر» دېدى.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» 3‏-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان. مەزكۇر قانۇن لاھىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. ئۇ قانۇن لايىھەسىگە قارشى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىقات ئۇرۇشى باشلىغانىدى. نۆۋەتتە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتسە ئاندىن پرېزىدېنتنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. ئۇنىڭ قاچان كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇشى نامەلۇم. يەكشەنبە كۈنكى يىغىن مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق ۋەزىيەتتە چاقىرىلغانىدى.

يىغىندا ئامېرىكادىكى ئادۋوكات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىزمىتى، قانۇن لايىھەسىنىڭ قانۇنغا ئايلىنىش تەرتىپى قاتارلىقلار ھەققىدە دوكلات بېرىپ، قانۇن لايىھەسىنى 12‏-ئاي ئىچىدە ئاۋازغا قويۇشنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. يىغىن ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ 10-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يەنە بىر قېتىم پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا خىزمەت ئىشلىشى قارار قىلىندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت