كەررى لاۋروۋقا رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي پائالىيىتىگە قارىتا ئەندىشىسىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.09.06


شەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەررى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، جون كېررى لاۋروۋقا ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى جون كەررىنىڭ ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار توغرا بولسا، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ توقۇنۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقى، ۋە تېخىمۇ كۆپ بىگۇناھ جانلارنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى، كۆچمەنلەر دولقۇننىڭ تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات تارقاتقان.

جون كەررى بىئەن سېرگېي لاۋروۋ بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا نىيوركتا ئۇچرىشىپ، مەخسۇس سۈرىيە دىكى توقۇنۇشلار ھەققىدە سۆھبەتلىشىشكە پۈتۈشكەن،

«نىيورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە سۈرىيەگە بىر ھەربىي ئەترەت ئەۋەتكەن. رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن جۈمە كۈنى رۇسىيەنىڭ سۈرىيە ئارمىيىسىگە «ئەستايىدىل تەربىيەلەش» ياردىمى ۋە ئارقا سەپ ياردىمى بېرىدىغانلىقىنى بۆلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى، رۇسىيەنىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان بولسا كېرەك.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.