كەشمىردىكى ھىندىستان ھەربىي بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 17 ئەسكەر ئۆلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.09.18

كەشمىردىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار يەكشەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ شىتابىغا ھۇجۇم قىلىپ، 17 نەپەر ھىندىستان ھەربىي خادىمىنىڭ ئۆلۈشى ۋە 20 نەچچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تولۇق قوراللانغان تۆت ئادەم، يەكشەنبە كۈنى سەھەردە ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر شتاتىنىڭ پايتەختى سىرىناگارنىڭ غەربىدىكى ئۇرى شەھىرىگە جايلاشقان ھىندىستان ئارمىيىسى، 12 - پىيادىلەر برىگادىسىنىڭ بازىسىغا بېسىپ كىرىپ، ئوق چىقارغان.

ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئېتىشىش يۈز بەرگەن بولۇپ، ھىندىستان تەرەپ بۇ تۆت ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. ئېتىشىش بىر قانچە سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، ھەتتا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلانغان.

ھىندىستان ھەربىي تەرەپ ھۇجۇمچىلارنىڭ پاكىستان تەرەپتىن كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەم بۇ ئۆلتۈرۈلگەن تۆت ئادەمدىن باشقا يەنە ھۇجۇمچىلارنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغان. مەزكۇر ھىندىستان ھەربىي بازىسى پاكىستان چېگرىسىغا يېقىن ئورۇنغا جايلاشقان ئىكەن.

ھىندىىستان باش مىنىستىرى مودى بۇ ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ قاتتىق ئەيىبلەپ، ھۇجۇمنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.