خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدە 18 مىڭ يەرلىك دېھقانغا «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەسى» ئېلىپ بېرىلغان

خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدە يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە 18 مىڭ يەرلىك دېھقانغا 363 قارار «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەسى» ئېلىپ بېرىلغان. نۆۋەتتە ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەسى» گە قاتناشقان بۇ دېھقانلارنىڭ قايسى ئورۇنلاردا ئىشقا سېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغاندىن سىرت، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىمۇ «كەسپىي تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا يەرلىرىدىن ئايرىپ، ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرماقتا ئىكەن.

خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە لوپ ناھىيەسىدىكى دېھقانلارغا «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەسى» ئېلىپ بېرىشتا «لوپ ناھىيەلىك ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» نىڭ ئاۋانگارتلىق رول ئويناۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر «كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» ساتراچلىق، كىيىم لايىھەلەش، رېمونتچىلىق، باقمىچىلىق، باغۋەنچىلىك قاتارلىق 22 خىل كەسپ بويىچە «تەربىيەلەش» ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

لېكىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مۇستەقىل كەسپىي قول-ھۈنەرۋەنچىلىكىنى ۋەيران قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى «كەسپىي تېخنىكا ئۆگىتىش» نامىدا يىغىۋېلىشىدىكى مەقسىتىگە گۇمان بىلەن قاراپ كەلدى. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەقسىتى خىتاي كارخانىلىرىغا ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى يېتىشتۈرۈش ئىكەن.

«لوپ ناھىيەلىك ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن پېيپېڭنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» گە بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار «كەسىپ ئىگىلىككە ئەگىشىش، ئوقۇتۇش ئىشلەپچىرىشقا ئەگىشىش ئۇقۇمى» غا ئاساسەن، رايونىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى 200 دەك كارخانا بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، شۇلارنى ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەيدىكەن