خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيەلەش» نى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېكسپورت قىلماقچى بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.09.28

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 27-سېنتەبىر كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، «تۇنجى نۆۋەتلىك ‹بىر بەلباغ بىر يول› كەسپىي مائارىپ شىنجاڭ مۇھاكىمە يىغىنى» كۈيتۇن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇر رايونى بىلەن ئىچكىرى خىتايدىكى بىر قانچە كەسپىي ئىنستىتۇتلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بۇ يىغىندا، «شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، شىنجاڭنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، كەسپىي مائارىپ خەلقئارا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» ئاساسلىق مۇھاكىمە تېمىسى قىلىنغان.

بۇ يىغىندا يەنە، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر كەسپىي مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش بىرلەشمىسى» ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. ئۇيغۇر رايونىدىكى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتلىرى ئۆزبېكىستان، قازاقىستاندىكى ئىككى ئالىي مەكتەپ بىلەن ھەمكارلىق ئىمزالىغان.

بۇ خەۋەردە، خىتاينىڭ قانداقتۇر «كەسپىي تەربىيەلەش مائارىپى» نى ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇشتۇرۇپ، ئۇ رايوندىكى زاۋۇتلىرى ئۈچۈن ئەرزان ئەمگەك كۈچى بايلىقىدىن پايدىلانماقچى بولغانلىقى بىلىنمەكتە.

نۆۋەتتە، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئىقتىسادىي بازا بولغان ئۇيغۇر رايونىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانلانغان «8 چوڭ كەسىپ گەۋدىسى» كۆلەملەشكەن زاۋۇتلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئەرزان ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم بولغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلارنى خېلى بۇرۇنلا «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نىمۇ مەلۇم مەزگىل تەربىيەلەپ، ئىچكىرىگە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە باشلىغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.