بورتالا شەھەرلىك «كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» بۇ يىل قىشتا 3700 نەپەر ئەمگەك كۈچىگە قارىتا كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئېلىپ بارىدىكەن
2023.11.17
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئەمگەك كۈچلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەكنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بورتالا «كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» بۇ يىل قىشتا 3700 نەپەر يېزا-كەنت ئەمگەك كۈچلىرىگە قارىتا كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 16-نويابىر خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بورتالا شەھەرلىك «كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ ۋېيخوڭ «كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» خادىملىرىنىڭ كەنت، يېزا-بازار ۋە كوچىلارنى ئارىلاپ «كەسپىي تەربىيەلىنىشكە ئېھتىياجلىق كىشىلەر» نى ئېنىقلاپ چىققان. لېكىن لۇ ۋېيخوڭ قانداق كىشىلەرنىڭ «كەسپىي تەربىيەلىنىشكە ئېھتىياجلىق كىشىلەر» ھېسابلىنىدىغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن.
بورتالا شەھەرلىك «كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» نىڭ 3700 نەپەر «كەسپىي تەربىيەلىنىشكە ئېھتىياجلىق كىشىلەر» گە قارىتا كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش پىلانى، خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىنىڭ ما شىڭرۈي دەۋرىدە تېخىمۇ كۆلەملەشكەنلىكى ۋە سىستېمىلاشقانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ۋاشىنگتوندىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز ئۆتكەن ھەپتە بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي دەۋرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى «ئىز قوغلاپ تەقىبلەش سىستېمىسى» قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش ئورۇنلىرىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشى تېخىمۇ قىيىنلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بورتالا شەھەرلىك «كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ ۋېيخوڭ مۇنداق دېگەن: «ناھايىتى ئېنىقكى، تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىزنىڭ مەكتىپىمىز يېزا-بازار ۋە كوچىلارغا چىقىپ تەربىيەلەشكە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى ئېنىقلاپ چىقتى، ھەمدە بورتالا شەھىرىنىڭ رايون تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي ۋە قوللىنىشلىق تەربىيەلەش لايىھەسى ۋە نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىي مەشغۇلات بىرلەشكەن تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى تۈزۈپ چىقتۇق».
ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بورتالا شەھەرلىك «كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى، بۇ يىلدىن بېرى 34 خىل كەسپىي ماھارەت تۈرى ئېچىپ، 7000 دىن ئارتۇق كەسپىي ماھارەت خادىمى تەربىيەلىگەن.