خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل قەشقەردە تەخمىنەن 6 مىليون 500 مىڭ مو كېۋەز تېرىشنى پىلانلىغان

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بۇ يىل قەشقەردە كېۋەز تېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىدىكەن.

دائىرىلەر بۇ يىل قەشقەر رايونىدا تەخمىنەن 6 مىليون 500 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىشنى پىلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار كېۋەزدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر رايونىدا يۇقىرى ئۆلچەملىك تېرىلغۇ يەر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان.

ئادەتتە «شىنجاڭ پاختىسى» دەپ بىلىنىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىشى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئەڭ ئېغىر ساھە بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن ھەمدە پاختا ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىڭتۇۋەنگە جازا تەدبىرى قويغان ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارىماستىن بۇ يىل پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنى قەشقەردە كېڭەيتمەكچى بولۇشى ۋە ئۇنى 6 مىليون 500 مىڭ مو يەرگە يەتكۈزمەكچى بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى بويىچە مۇتەخەسسىس، «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنز يېقىندا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مەخسۇس دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆسىدىغان ئۇزۇن تالالىق پاختىنى ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىش ئىمكانى بولمىغاچقا، 2021- ۋە 2022-يىللىرى ئارىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل مەجبۇرىي پاختا تېرىشكە يۆتكىگەنلىكىنى، بۇنداق يۆتكەش خىزمىتىنىڭ خىتاينىڭ 2021-يىلدىن 2025-يىلغىچە بولغان بەش يىللىق خىزمەت پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدى.