يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب دۇنياسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىغا تۈرلۈك جازا ئېلان قىلىشىغا جاۋابەن خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ بىرى قاتارىدا خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 4-ئاپرېل كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بەش يېرىم مىليون مو كېۋەزلىكتە ماشىنا ئارقىلىق كېۋەز تېرىشنىڭ يۈز پىرسەنت ئومۇملاشقانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختىكارلىق ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئىشارە قىلغان.
خەۋەردە مەكىت، مارالبېشى، يەكەن، يېڭىسار قاتارلىق جايلاردىكى كېۋەزلىكلەر مىسال قىلىنغان ھالدا سۇغىرىش، يالتىراق يېپىش ۋە ئۇرۇق چېچىش جەريانىنىڭ پۈتۈنلەي ماشىنا بىلەن تاماملانغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. دېھقان ئايىمنىسا مۇھەممەد مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «ھازىر كېۋەز تېرىشتا پۈتۈنلەي ماشىنا ئىشلىتىمىز. پەقەت قەرەللىك ھالدا ئوسا قىلىپ قويساقلا بولىدۇ» دېگەن.
ھالبۇكى تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىدىن بولۇۋاتقان ئوخشىمىغان خەۋەرلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ پاختىكارلىق ساھەسىدە ئەڭ ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، تېرىلغۇ يەر ۋە سۇ تولىمۇ قىس بولغان قەشقەر ۋىلايىتىدە بۇنچە كۆپ كېۋەزلىكنىڭ مەۋجۇت بولۇشىمۇ تۈرلۈك گۇمانلارنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بۇنىڭدىكى مۇھىم تۈرلەردىن بولۇپ كەلمەكتە.
