خىتاينىڭ يېڭى رەقەملىك كىملىك كارتىسى پۇقرالاردا تەقىبلىنىش ئەندىشىسىنى پەيدا قىلغان
2024.07.01
خىتاي ھۆكۈمىتى 2023-يىلى 12-ئايدا خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ يېڭى رەقەملىك (دىجىتال) كىملىك كارتىسىغا كۆچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي تاراتقۇلىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يېڭى رەقەملىك كىملىك كارتىسى 2024-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تارقىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ھالبۇكى، خىتاينىڭ يېڭى رەقەملىك كىملىك كارتىسى خىتاي پۇقرالىرىدا شەخسىي ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دائىرىلەر تەرىپىدىن يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق نازارەت قىلىنىش ھەم تەقىبلىنىش ئەندىشىسىنى كۈچەيتمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ يېڭى رەقەملىك كىملىك كارتىسى كۆپ ئىقتىدارلىق بولۇپ، بۇ شەخسلەرنىڭ DNA خەرىتىسى، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر بىلەن بولغان DNA ئالاقە تورى، شەخسنىڭ ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى، شۇنداقلا GPS تەقىبلەش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن.
بۇنىڭغا ئاساسەن رەقەملىك كىملىكى بولغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئورنىنى بېكىتەلەيدىكەن ۋە تاپالايدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا بۇ خىل يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنى سىناق قىلغان ھەم ئىشلەتكەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەت ئەل تەتقىقات ئورۇنلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل تېخنىكا ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرى تېخنىكالىق ساقچى نازارەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ، 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشتا بۇ خىل سىستېمىدىن پايدىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ سىستېمىنى قۇرۇشقا ئىشتىراك قىلغان داخۇا، خەيكاڭ شىركىتىگە ئوخشاش بەزى خىتاي كارخانىلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ياكى چەكلىگەن ئىدى.
«بىئومېتىرلىق كۈنتەرتىپ» ناملىق تورنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىل رەقەملىك كىملىك كارتىسى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ باشچىلىقى ۋە خىتاي دۆلەتلىك ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى زەنجىرسىمان قامال مۇلازىمەت تور سىستېمىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. خىتاي ج خ ئورگانلىرىنىڭ تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىدا، ھەتتا بۇ خىل رەقەملىك كىملىك كارتىسىنىڭ ساقچىغا خەۋەر بېرىش ۋە قۇتقۇزۇشقا چاقىرىش ئىقتىدارىنىڭمۇ بارلىقى، بۇ كارتىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كارتىسى، داۋالىنىش كارتىسى، بانكا كارتىسى، سۇغۇرتا كارتىسى ۋە ئاپتوموبىل پراۋىسى ئورنىدىمۇ ئىشلىتىدىغان كۆپ خىل ئىقتىدارىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.