كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدىكى يىغىنىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىىيىتى تەنقىد قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.03.03

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان 31 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تەنقىد قىلىندى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن جەنۋەدىكى يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى جىددىي دەپ قارىلىۋاتقان بىر قانچە دۆلەتلەر ئۈستىدىكى كۆزىتىش نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاي ھەققىدە توختالغاندا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، دىنىي زاتلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار رەھبەرلىرىگە قارىتىلغان زەربىنىڭ كۈچيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئامېرىكىنى جىددىي ئويلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن : «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىۋېرىسال كىشىلىك ھوقۇقنى، پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇشنى كۈچەيتمەكتە. بىز خىتاينىڭ ۋىزا بەرمەسلىك ۋە ژۇرنالىستلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندۇق. خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان ياكى رەسمىي قولغا ئېلىنغان يۈزلەرچە كىشىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلدى. خوڭكوڭلۇق 5 نەپەر كىتابپۇرۇشنىڭ ۋەقەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنلىرى ۋە تېررېتورىيىسىدىن ھالقىغان ھالدا، ئۆزى قول قويغان كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە خىلاپ ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى ئوچۇق نامايەن قىلىپ تۇرماقتا.»

ئانتونىي بىلىنكىن جەنۋەدە قىلغان سۆزى داۋامىدا، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارىتا تەدبىر ئېلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ۋە شۇنداق قىلغاندىلا ۋەزىيەتتە ھەقىقىي ئۆزگىرىش ياسىغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.