كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قانۇنلارنى بىكار قىلىشقا چاقىردى
2016.03.04
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 3 - فېۋرال مەكتۇپ ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنى خىتاينىڭ ئىچكى ۋە خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇن، نىزاملىرىنى تۈزىتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا چاقىردى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى دوكتور سوفىيە رېچاردسون خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى جاڭ دېجياڭغا يېزىلغان مەكتۇبىدا مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭ رەئىسلىككە ئولتۇرغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئىپادە ئەركىنلىكى، تىنچ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى باستۇرۇش توختاپ قالمىدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قانۇنلارنى ھەر قانداق رەت قىلىش ھەرىكىتى پۈتكۈل خىتايدا خەلقنىڭ ئۈمىدىنى كۈچەيتىدۇ.»
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى ئۇنىڭ 2015 - يىلى ماقۇللىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى، ماقۇللىنىش ئالدىدىكى تور بىخەتەرلىك قانۇن لايىھەسىنى خەلقئارا قانۇنغا ماسلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.
ئۇنىڭ چەتئەل تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلىشىنى، قاماقخانىلارنى باشقۇرۇش قائىدىسى بىلەن جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنى، ب د ت نىڭ پۇقرالىق ۋە سىياسى ھەقلەر ئەھدىنامىسىنى ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى مەزكۇر مەكتۇبىنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - فېۋرال بېيجىڭدا باشلىنىدىغان مەملىكەتلىك يىغىنى ھارپىسىدا ئېلان قىلدى.









