خىتاي ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر رەھبىرىگە بېرىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.04.01

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى ۋەخپى» نىڭ 2016‏-يىللىق ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى د ئۇ ق ئىجرائىيە رەئىسى دولقۇن ئەيساغا بېرىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 31‏-مارت ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ دەل خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن كۈنگە توغرا كەلگەن. دولقۇن ئەيسا مۇراسىمدا، بۇ مۇكاپات «ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى دولقۇن ئەيسانى «تېررورچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ، ئامېرىكا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى ۋەخپى» نى تەنقىد قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي جۈمە كۈنلۈك ئاخبارات يىغىنىدا، «بۇ مۇكاپاتنىڭ ئالاقىدار ئورگان تەرىپىدىن دولقۇن ئەيسادەك كۆپ قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان بىر تېررورچىغا بېرىلىشى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشقا داغ ۋە كۆلەڭگە چۈشۈرگەنلىك» دېگەن.

بىراق خوڭ لېي، دولقۇن ئەيسانىڭ كۆپ قېتىم قانداق جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا ھېچقانداق پاكىت ئوتتۇرىغا قويمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2003‏-يىلى دولقۇن ئەيسانى «تېررورچىلار» تىزىملىكىگە ئەكىرگۈزگەن، ئەمما گېرمانىيە ئۇنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، 2006‏-يىلى ئۇنىڭغا ۋەتەنداشلىق بەرگەن ئىدى.

«ئامېرىكا كوممۇنىزم قۇربانلىرى ۋەخپى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇشقا قارشى ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتىدىكى پرىنسىپال يېتەكچىلىك رولى سەۋەبلىك بۇ مۇكاپاتقا لايىق، دەپ قارالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.