كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى: «خىتاي ب د ت دا باشقا دۆلەتلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىق ھەققىدە تەھدىت سالغان»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-04-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 1‏-ئاپرېل كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40‏-نۆۋەتلىك يىغىنى جەريانىدا باشقا دۆلەتلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىق ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تەرەپ يىغىندا ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليوندەك تۈركىي مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىغا دائىر سوئاللارغا ئىشەنچلىك جاۋاب بەرمەيلا قالماي، باشقا دۆلەتلەرگە مەزكۇر مەسىلىنى تىلغا ئالماسلىق، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ چاقىرغان بۇ ھەقتىكى يىغىنلىرىغا قاتناشماسلىق ھەققىدە تەھدىت سالغان.

باياناتتا، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى جون فىشېر، خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىگە قارشى قوزغالغان دۇنياۋى چاقىرىق خىتاينى قورقۇتتى. شۇڭا، ئۇ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بېسىم ئىشلىتىپ، بىرلەشمە خەلقئارا ھەرىكەت قوللىنىشنى توسۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە» دېگەن. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر جەنۋەدە «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزگەن ئىدى.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تەرەپ بەزى دۆلەتلەرنى 13‏-مارت ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا قاتناشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. باياناتتا، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ب د ت ئەمەلدارلىرىغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكى، يىغىندا دىنىي ئەركىنلىك ۋە لاگېرلار مەسىلىسىدەك ھالقىلىق سوئاللارغا خاتا جاۋاب بەرگەنلىكى، بەزى دۆلەتلەرنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ماختاشقا قىستىغانلىقى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلغان دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ماختاشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ يىل 6‏-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. 31‏-مارت كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئانالىز ئېلان قىلىپ، غايىب بولغان ئۇيغۇر، قازاقلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئانالىزدا تەكىتلىنىشىچە، ئائىلە تاۋابىئاتى غايىب بولغان چەتئەلدىكى ئائىلىلەر ئۇلارنىڭ دېرىكىنى ئالماي ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت