كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ پاتىگۈل غۇلامنى سوتلىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىكى غايىب ئۇيغۇر ياش ئىمام مۇھەممەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلامنى سوتلىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى، دوكتور سوفىي رېچاردسوننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پاتىگۈل غۇلامنى جازالاش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى پاتىگۈل غۇلامنى 7‏-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە مەخپىي سوتلاشنى قارار قىلغان. ئەمما سوتنىڭ 7‏-ئاپرېل ئېچىلغان-ئېچىلمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۇنىڭغا «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى» ئارتقان.

ئەمما سوفىيە رېچاردسون، ئۇ ئوغلى ئىمام مۇھەممەت ئېلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن جازالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رېچاردسون 7‏-ئاپرېل ئېلان قىلغان باياناتىدا 5‏-ئىيۇل غايىبلار مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، گۇناھكارلارنى ئادىل جازالاش ۋەزىپىسى بار. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ قانۇنىي ۋە خەلقئارا ئۆلچەمگە ئاساسەن تەرەپسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئورنىغا، ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك قولغا ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئونلىغان، بەلكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېگەن.

رېچاردسوننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر دائىرىلەر غايىبلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئائىلىلىرىگە ئۇچۇر بېرىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويغان بولسا، زىياننى ئازايتقىلى بولاتتى. ۋەقەدە جاۋابكارلىقى بار ئەمەلدارلارنى جازالاپ، تىنچ يوللار بىلەن ئۆز شىكايىتىنى ئىپادىلەشكە يول قويغان بولسا، بەلكى رايوننىڭ ۋەزىيىتى يۇمشىغان بولار ئىدى.

پاتىگۈل غۇلام 2014‏-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەن.