كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 19-ئاپرىل دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقى ئېلان قىلدى. «ئۇلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇپ، كۆكىنى قىرىش: خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» ناملىق 53 بەتلىك بۇ دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، قىيىن-قىستاق ۋە مەدەنىيەت باستۇرۇشى ئېلىپ بارغانلىقى تەكىتلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارادىكى نۇپۇزلۇق بۇ تەشكىلاتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىشىنىڭ سىمۋۇللۇق ئەھمىيىتى زور بولۇپ، بۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇنى ئۈلگە ئېلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتى ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قارار لايىھەسىنى 22-ئاپرىل ئاۋازغا قويۇشنىڭ ھارپىسىدا ئېلان قىلىندى.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلىش، قىيىن-قىستاق، مەدەنىيەت باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە ۋە باشقا جىنايەتلەرگە خىتاي رەھبەرلىكى جاۋابكار» ئىكەن. دوكلاتتا: «جاۋابكارلارنى جازالاش، جاۋابكارلىققا تارتىشنى ئالغا سۈرۈش، خىتاي ھۆكۈمىتىگە يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشنىڭ بىرلىككە كەلگەن خەلقئارا ھەرىكەتكە ئېھتىياجلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ دوكلاتنى ئامېرىكادىكى ستانفۇرد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش كىلىنىكى» بىلەن بىرلىشىپ تەييارلىغان ئىكەن.