ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى سۇزان ۋايلد «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى تېزرەك ماقۇللاشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئاۋما پالاتا ئەزاسى سۇزان ۋايلد 9‏-ماي كۈنى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزگە چىقىپ، ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى تېزرەك ماقۇللاشقا چاقىرغان.

ئۇ مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىتى سەۋەبلىك لاگېرلارغا قامالغانلىقى ۋە كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغانلىقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار «ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋرىدە ياۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

سۇزان ۋايلد سۆزىدە بۇنىڭغا قارىتا دۆلەت مەجلىسىدە ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ئىلھاملىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «شۇڭا مەن رەھبەرلەرنىڭ ئورتاق ئۇيغۇر قانۇن لايىھىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسىنى كومىتېتلاردىن ئۆتكۈزۈپ، ئومۇمى مەجلىسنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە قويۇشنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ۋە ئىمزا قويۇلۇپ قانۇنغا ئايلاندۇرۇشنى چاقىرىمەن» دېگەن. \

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ئاۋام پالاتاسىدا كرىستوفىر سىمىت، توم سۇزى قاتارلىق ئاۋام پالاتا ئەزالىرى تەرىپىدىن، كېڭەش پالاتاسىدا ماركۇ رۇبىيو، باب مەنەندەز قاتارلىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

سۇزان ۋايلد سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا قىلىنغان ھەرىكەت ئارقىلىقلا بىز ‹ھەرگىز قايتا يۈز بەرمەيدۇ› دېگەن ۋەدىمىزدە تۇرالايمىز. ھەممىمىز باراۋەر تۇرۇپ، كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان بىر ئېتنىك تازىلاشقا ياق دەپ جاۋاب بېرەيلى.»

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە 58 ئاۋام پالاتا ئەزاسى، 30 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى كاپالەتلىك بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت