خىتاي كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

خىتايدىكى «خەلق تۇرمۇشى كۆزىتىش ئىشخانىسى» ناملىق بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈرمىدىكى ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى چىن يۇڭمېينى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، چىن يۇڭمېينى بۇنىڭدىن 16 ئاي بۇرۇن دائىرىلەر تۇتۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكىنى بەرمىگەن. بۇنى ئاز دەپ يېقىندا ئۇنىڭ «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى» بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا، «چىن يۇڭمېينىڭ قولغا ئېلىنىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە سىياسىي زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى» دېگەن. باياناتتا يەنە، «يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي كومپارتىيەسى جەمئىيەتنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ ئىدىيە، سۆز ۋە ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇرۇپ كەلدى. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، زىيالىيلار، يازغۇچىلار، مۇخبىرلار، ئەرزدارلار تۇتقۇن قىلىنىپ، پاراكەندىچىلىك ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى جىددىي چېكىنىپ كەتتى» دېدى.

«خەلق تۇرمۇشى كۆزىتىش» تەشكىلاتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چىن يۇڭمېينى ئادالەتسىز سوتلاشنى، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ بارلىق ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىشنى، چىن يۇڭمېي ۋە باشقا بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەختكە چىققان 2012‏-يىلدىن بۇيان، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئارقىغا چېكىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە زەربە بېرىش، ئاخبارات ۋە تورنى كونترول قىلىش، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە زەربە بېرىش، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى باستۇرۇش كۈچەيگەن.