كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى مۇستەبىت پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ توكيو ئولىمپېك مۇسابىقىسى مۇراسىمىغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.06.02

بۇ يىل 7-ئايدا توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا ئولىمپېك مۇسابىقىسىنىڭ كۈنسېرى يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان سەھىيە-ساغلاملىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يېقىندا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى توكيو ئولىمپېك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتىغا «بۇ ئىككى رەھىمسىز دىكتاتورنىڭ خەلقئارا ئولىمپېك مۇسابىقىسى مۇراسىمىغا قاتنىشىشى دۇنيا ئۈچۈن نومۇس» دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر تەلەپ سۇنغان.

لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى رەئىسى كاترىنا لەنتوس سىۋېت «ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىلىرى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ئولىمپېك مۇسابىقىسى ئالاھىدە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، مىليونلىغان ئىنسانلار گەرچە تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرى بولمىسىمۇ، ئولىپمېك يىغىنىنىڭ ھەيۋەتلىك مەيدانى ئۇلارنى جەلىپ قىلىدۇ. رەھىمسىز دىكتاتورلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن غايەت زور تەشۋىقات پۇرسىتى دەپ بىلىدۇ».

ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە شۇ سەۋەبتىن 2022-يىل بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە خەلقئارا بېسىمغا ئۇچراۋاتقان خىتاي، ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن بېيجىڭدا يىغىن ئاچقان. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قارىشىچە، كۈنسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان توكيو ئولىمپېك مۇسابىقىسى مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا بىر مەيدان كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى مۇسابىقىسىغا ئايلىنىپ قالغان.

خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتىدىكىلەر «تەنتەربىيەنى سىياسىغا ئارىلاشتۇرماسلىق» شوئارىنى توۋلاۋاتقان بولۇپ، كاترىنا لەنتوس سىۋېتنىڭ قارىشىچە، بۇ كومىتېتىنىڭ سىياسىينى ئولىمپېك مۇسابىقىسىدىن چەتلەشتۈرۈشى مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەڭ ناچار سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەنلىك ئىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، لەنتوس فوندى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق فوندى پائالىيەتچىلىرى خەلقئارا ئولىمپېك مۇسابىقىسى كومىتېتىدىن شى جىنپىڭ، پۇتىن ۋە باشقا 13 نەپەر مۇستەبىتنى خەلقئارا ئولىمپېك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان. ئۇلارنىڭ ئورنى بوش قالدۇرۇلسا، كىشىلەر ئۇ مۇستەبىتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جىنايىتىگە تېخىمۇ ياخشى دىققەت قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.