شىۋېتسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پېتىر داھلىن خىتايدىكى تۇتقۇن قىلىنىش كەچمىشىنى ئاشكارىلىدى

بۇ يىل 1-ئاي مەزگىلىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ دۆلەت ئامانلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنىپ، 23 كۈن قاماققا ئېلىنغان شىۋېتسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پېتىر داھلىن خەلقئارا تاراتقۇلارغا خىتايدىكى تۇتقۇن قىلىنىش كەچمىشىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، پېتىر داھلىن ئامېرىكىدىكى نىيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى 23 كۈنلۈك تۇتقۇن ھاياتىدا، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىدە گۇناھىنى تونۇشقا مەجبۇر قىلىنىش، خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئىسمىنى بېرىشكە قىستاش، تەھدىتكە ئۇچراش ۋە باشقا بىر قاتار ئەھۋاللارنى ئاڭلاتقان.

خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن گېرمانىيەدىكى ژۇرنالىست سۇ يۈتوڭ خانىم، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پېتىر داھلىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ مەجبۇرى ئىقرار قىلدۇرۇلۇش، تەن جازاسىغا ئۇچراش قىسمىتىگە ھەيران قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مەن بۇنىڭغا ھەيران قالمايمەن، چۈنكى تۇتقۇنلارنى قىيناپ سوراق قىلىش خىتايدا ئومۇملاشقان ئەھۋال. 2011-يىلى خىتايدا يۈز بەرگەن ياسمەن گۈلى ئىنقىلابىدىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جياڭ تەنيوڭ، ئادۋوكات تېڭ بىياۋ قاتارلىقلارمۇ قىيناپ سوراق قىلىنىش قىسمىتىگە يولۇققانلىقىنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىغان ئىدى،» دېدى.

پېتىر داھلىن خىتايدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «كىشىلىك ھوقۇق ياردەم جەمئىيىتى» نىڭ خادىملىرىدىن بىرى. ئۇ بۇ يىل 1-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ يىل 19-يانۋار خەۋەر بېرىپ، پېتىر داھلىننىڭ 2009-يىلى 8-ئايدا بېيجىڭدىكى فېڭرۇي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلار باشقارمىسىدىكى ۋاڭ چۈئەنجاڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر تەشكىلاتنى قۇرۇپ، چەتئەللەرگە «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى» دوكلاتىنى يوللاپ، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ھالبۇكى بېيجىڭدىكى فېڭرۇي ئادۋوكاتلار باشقارمىسىنىڭ خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىدىن 300 گە يېقىن كىشى 2015-يىلى7-ئاينىڭ 9-10-كۈنلىرى تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىش ۋە تەقىب قىلىنىش قىسمىتىگە يولۇققان بولۇپ، بۇ ۋەقە 9-ئىيۇل ئادۋوكاتلارنى تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى دەپ تەرىپلەنگەن.