گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايدىن ئۇيغۇر، تىبەتلەرنى باستۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.07.15

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش، ناملىق گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، خىتاينى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي يىللىق دىئالوگ يىغىنى 12‏-ئىيۇل بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئىدى. خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى دەل شۈ كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىسسارى فېدىرىكا مۇگەرېنىغا بۇ تەلەپنى قويغان.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇس، «مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى بۈگۈنكىدەك بۇنداق ناچارلىشىپ باقمىغان. كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك، خىتاي مەيلى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش بولسۇن، مەيلى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش بولسۇن، ھېچبىر ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى. ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي رەھبەرلىرىنى رەنجىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆز يۇمسا، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتايدا سودا قىلىۋاتقان ياۋروپا كارخانىلىرىغا زىيان سالىدۇ» دېگەن.

خەتەر ئاستىدىكى تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، «تىبەت، شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېغىرلاشقان. ھۆكۈمەت تەن جازاسىنى نامدا چەكلىسىمۇ، ئەمما تەن جازاسى بۇ رايونلاردىكى ساقچى پونكىتلىرىدا يەنىلا مەۋجۇت» ئىكەن.

مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا يەنە، 2025‏-يىلى مەمەت ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ تەن جازاسىدا ئۆلگەنلىكىنى، دائىرىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەي مەخپىي دەپىنە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.