ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن 31-ئۆكتەبىر خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا ئەۋەتكەن ئالاھىدە ۋەكىلى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى نېد پرايسنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، بلىنكېن خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت ئۆلچىمىگە قارشى ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى، جۈملىدىن ئۇنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق، شىنجاڭ، تىبەت، خوڭكوڭ، شەرقىي-جەنۇبىي دېڭىز ۋە تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلىرى» گە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىنىغا شى جىنپىڭ قاتناشمىغان. ئۇ ۋاڭ يىنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتكەن. بۇ بلىنكېن بىلەن ۋاڭ يىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا ئالياسكىدا ئۆتكۈزگەن كەسكىن سۆھبىتىدىن بۇيان 2-قېتىم ئۇچرىشىشىدۇر. بۇ قېتىمقى سۆھبەتمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا، تەيۋەن، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خوڭكوڭ مەسىلىسى ۋە كورونا ۋىرۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئىختىلاپى ئىنتايىن ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.
نېد پرايسنىڭ باياناتىدىن قارىغاندا، بلىنكېن يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە چېتىشلىق «شىمالىي كورېيە، بىرما، ئىران ۋە ھاۋا كىلىمات كرىسىزىنىمۇ» سۆزلەشكەن شۇنداقلا «ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىدارە قىلىشتا ئالاقە يوللىرىنى ئوچۇق تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقى» نى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، سۆھبەتتە تەيۋەن مەسىلىسى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ كەسكىن تالاش-تارتىشلارنىڭ بىرى بولغان. بۇنىڭ ئالدىدا بلىنكېن تەيۋەننىڭ ب د ت ئىشلىرىدا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.
