كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جياڭ تيەنيۇڭ يوقاپ كەتكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.11.24

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى جياڭ تيەنيۇڭ يوقاپ كەتكەن.

45 ياشلىق جياڭ تيەنيۇڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىدە تەنقىد قىلىپ كەلگەن ۋە شۇنداقلا ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچىڭنىڭ داۋاسىغا ئارىلاشقان بىرى بولۇپ، ئۇ دۈشەنبە كۈنى ھازىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى شې ياڭنىڭ چاڭشادىكى تۇغقانلىرىنى كۆرگىلى يولغا چىققاندىن بۇيان ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان.

ئۇنىڭ ئايالى رويتېرس مۇخبىرىغا، يېقىندىن بۇيان جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى بىر قانچە قېتىم ئۇنىڭ ۋە ئىنىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇلارنى سوراق قىلغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنى ساقچىلارنىڭ ئەپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

رويتېرس مۇخبىرلىرى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلغان، بىراق ئۇلار بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىلىرىمۇ مۇخبىرلارغا ئەھۋالىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتقان.

كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا قارىتىلغان بېسىم ۋە تەقىب ھەسسىلەپ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.