كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپېىك كومىتېتىنى خىتايدا ئولىمپېك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەسلىككە چاقىرغان

«ئويۇنلارنىڭ ئىچىدە» (Inside the games) تورىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتىنى بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن ئاۋۋال خىتايدا ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزمەسلىككە چاقىرغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھازىر تيەنئەنمېن ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكىدەك ئېغىر دەرىجىدە پۇقرالىرىنى باستۇرۇش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا خىتاينىڭ يەنە ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئولىمپېك قائىدىسىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغانلىقتۇر. خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قويۇپ بەرمىگىچە، 2032-يىللىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىشقا يول قويۇلماسلىقى كېرەك».

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي 2032-يىللىق خەلقئارا ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى چېڭدۇ بىلەن چۇڭچىڭ شەھرىدە ئۆتكۈزۈش توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. بۇ تەكلىپ ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ بىر ھۆكۈمەت ھۆججىتىدە ئېلان قىلىنغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى مىنكى ۋوردىن (Minky Worden) خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتىنىڭ يىغىلىشىدا، خىتايدا ئېغىر دەرىجىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بارلىقىنى ئېيتقان ۋە زور كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان ئۇيغۇرلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، بۇ مەسىلىلەر ھەل بولمغىچە ئۇ يەردە ئولىمپېك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئويلاشماسلىققا چاقىرغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتىنى 2022-يىللىق قىشلىك ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرىق قىلغانىدى.